گېرمانىيەدە 8 مىڭدىن ئارتۇق بالا كۆچمەننىڭ ئىز – دېرىكى يوق

گېرمانىيەدە 14 – 17 ياشلار ئارىسىدىكى 8 مىڭدىن ئارتۇق بالا كۆچمەن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

703486
گېرمانىيەدە 8 مىڭدىن ئارتۇق بالا كۆچمەننىڭ ئىز – دېرىكى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بۇ ھەقتە  ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئاتا – ئانىسىز ياكى قارىغۇدەك بىرەر ئادىمى بولماستىن گېرمانىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن 14 – 17 ياشلار ئارىسىدىكى 8 مىڭ 346 بالا كۆچمەننىڭ ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ئەمما بۇلتۇر ئىيۇل ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ رەقەمنىڭ 8 مىڭ 991 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، گېرمانىيەدە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن 13 ياشتىن تۆۋەن بالا كۆچمەنلەرنىڭ سانى 922 ئىكەن، بالا كۆچمەنلەرنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى جىنايى قىلمىشلار بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، ھەرقانداق بىر مۇساپىرلار لاگېرىدا رويخەتكە ئېلىنغان بىر بالا مەسئۇللارغا خەۋەر قىلماستىنلا لاگېرنى تەرك ئەتكەن ھامان «ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

كۆپ سانلىق بالىلار باشقا يەرگە كەتكەن ياكى دوستلىرى بىلەن ساياھەتكە چىققان ھامان لاگېرلار ياكى ياتاقلارنى تەرك ئېتىدىكەن. بىراق بەزى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بالىلار يا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياكى قارا قوللار پارتىيەلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىكەن.

زەھەر ئەتكەسچىلىرى بالىلارنى «بىزگە ئىشلىسەڭلار تېخىمۇ تېز پۇل تاپالايسىلەر ھەمدە ئۆز يۇرتۇڭلاردىكى يېقىن – يورۇقلىرىڭلارغا تېخىمۇ كۆپ ماددىي ياردەمدە بولالايسىلەر» دەپ ئالدايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر