ئىتالىيە يېتىم كۆچمەن بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن چىقاردى

ئىتالىيە پارلامېنتى قانۇنسىز ۋاكالەتچىسى بولمىغان كۆچمەن بالىلارنى قوغداشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

702158
ئىتالىيە  يېتىم كۆچمەن بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە پارلامېنتى ئىتالىيەگە قانۇنسىز يوللاردىن قانۇنىي ۋاكالەتچىسى بولماستىن كىرگەن كۆچمەن بالىلارنى قوغداش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقارماسلىققا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم فوندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيە پارلامېنتى ئافرىقىدىن ئىتالىيەگە بۇلتۇر 25850 بالىنىڭ قانۇنسىز يوللاردىن قانۇنىي ۋاكالەتچىسى بولماستىن كىرىشىگە قارىتا مەخسۇس قانۇن چىقارغان.

ئومۇمىي كېڭەشتە ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى بىلەن ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن، ئىتالىيەگە قانۇنىي ۋەكالەتچىسى بولماستىن كىرگەن چەت ئەللىك بالىلارنى مەملىكەتلىرىگە قايتۇرۇۋەتمەسلىكىنى، ھەر قانداق قوپال مۇئامىلىدىن قوغداشنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تەڭتۈشلىرىگە ئوخشاشلا ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنلىشىشى بۇ ساھەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.

باش مىنىستىر پاۋلو گېنتىلونى Twitter دىكى ئادرېسىدا مۇنداق ئۇچۇر تارقاتتى: «پارلامېنت قانۇنىي ۋاكالەتچىسى بولمىغان چەت ئەللىك بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇ ئەھۋال قىيىن ئەھۋالدىكى بالىلارنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن بىر پۈتۈنلىشىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق تاللاش يولىدۇر.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم فوندى ئىتالىيە شۆبىسى باشلىقى گىياكومو گۇررېرامۇ مەزكۇر قانۇننىڭ كۆچمەن بالىلار ئۈچۈن مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «فوندىمىز بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىدىن تولىمۇ سۆيۈندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر