ئەرەب دۆلەتلىرى يىغىنى باشلاندى

28-نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ، 16 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئىيوردانىيەدە باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

701850
ئەرەب دۆلەتلىرى يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 28-نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى 16 دۆلەت باشلىقلىرىنى قاتنىشىشى بىلەن ئىيوردانىيەدىكى قىزىل دېڭىز رايونىدا باشلاندى.

ئەرەب دۆلەتلىرى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا تېرورورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق ئەرەب دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىزچىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغان ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ۋە كەڭ دائىرەلىك ھەل قىلماي تۇرۇپ، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. پادىشاھ ئابدۇللاھ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھايات-ماماتلىق مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «تېررورلۇق ھەممىدىن بەكرەك ئەرەبلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلار تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتىدۇ. كەڭ دائىرەلىك ئۇسۇل-چارەلەر ئارقىلىق بۇ تەھدىتكە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتلىرىمىز بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى غەيرەت ھەمدە تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ۋاز كەچكىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ سۈرىيە كىرىزىسى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«جەنۋە بىلەن ئاستانا ئۇچرىشىشلىرىدىن ئۈمىدۋارمەن.»

ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇ گايتمۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ: «دۇنيادا ئىككى مۇساپىرنىڭ بىرى ئەرەب. ئەرەبلەرنىڭ غۇرۇرىغا ۋە ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ مۇساپىرلارغا قۇچاق ئاچقان دۆلەتلەرگە تەشەككۈر ئېيتتى.

يىغىن ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ ۋە ئاممان خىتابنامىسىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر