شوتلاندىيە مۇسۇلمان ئايال ساقچىلارنىڭ ياغلىقىنى رەسمىي فورمىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قوبۇل قىلدى

شوتلاندىيە دائىرىلىرى، مۇسۇلمان ساقچىلار ئۈچۈن ياغلىقنى رەسمىي فورمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى.

701672
شوتلاندىيە مۇسۇلمان ئايال ساقچىلارنىڭ ياغلىقىنى رەسمىي فورمىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيە ساقچى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، بۇ قارارنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك ساقچى كۈچى يارىتىشقا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ساقچى بولۇشنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنغان 500 كىشىنىڭ پەقەت 127 ىسىنىڭ پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.

شوتلاندىيەدە مۇسۇلمان ئايال ساقچىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەقەت باشلىقلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن ياغلىق چىگەلەيتتى.

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىمۇ ساقچى دائىرىلىرى، 2001 – يىلى ھەر خىل ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنى ساقچى بولۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، ياغلىقنى رەسمىي ساقچى فورمىسىنىڭ «ئىختىيارىي» بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر