شوتلاندىيە بىرلەشمە خانلىقتىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى تاشلىدى
شوتلاندىيە رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نىكولا ستۇرگېئوننىڭ ستۇرگېئوننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئەلرايىغا سۇنۇش تەكلىپى دەسلەپكى باسقۇچىنى تاماملىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيە رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نىكولا ستۇرگېئوننىڭ ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئىككىنچى بىر مۇستەقىللىق ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار تەكلىپى پارلامېنتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
نىكولا ستۇرگېئون رەھبەرلىكىدىكى شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ قوللىشى سايىسىدا كېرەكلىك كۆپ سانلىق ئاۋازنى قولغا كەلتۈرۈپ، ستۇرگېئوننىڭ يېڭى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەن پارلامېنتىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولدى.
ستۇرگېئون، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلماسلىق ئۈچۈن، بىرلەشمە خانلىقتىن ئايرىلىپ چىقماقچى بولغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە ھەتتا، ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئىككىنچى بىر مۇستەقىللىق ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش بويىچە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.
مۇستەقىللىق نىشان قىلىنغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ 2018 – يىلىنى كۈز ئايلىرى بىلەن 2019 – يىلىنىڭ باھار ئايلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.
22 – مارتتا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان بېلەت تاشلاش پائالىيىتى بولسا، لوندوندىكى ھۇجۇم يۈزىسىدىن كېچىكتۈرۈلگەنىدى.
شوتلاندىيەدىكى بىرىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «بىرلەشمە خانلىقتىن ئايرىلىپ چىقىش ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنمۇ ئايرىلىپ چىقىش دېگەنلىك بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا خەلقنىڭ %55 ى بىرلەشمە خانلىقتا قېلىشنى قوللاپ بېلەت تاشلىغانىدى.
ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، گاللېر ۋە شىمالىي ئېرلاندىيەدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە خانلىقتا ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە خەلقنىڭ %52 ى ئايرىلىشنى قوللاپ بېلەت تاشلىغانىدى.
بۇ جەرياندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ئىتتىپاق ئەزالىقىدىن چىقىپ كېتىشىگە ئالاقىدار لىسبون كېلىشىمىنىڭ 50 – ماددىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى دائىرىسىدە بىريۇسسېلغا يوللىنىدىغان رەسمىي ھۆججەتنى ئىمزالىدى.
مەكتۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى دونالد تۇسكقا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن باشلىنىدىغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.