رۇسىيەدە يەر تەۋرىدى

رۇسىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كامچاتكا يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى.

701358
رۇسىيەدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىي (USGS) رۇسىيە كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئۇستكاماتسكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 78 كىلومېتىر كېلىدىغان بېرىنگ دېڭىزى ئىكەنلىكى ۋە 22.8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، يەر تەۋرەپ ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، 4.9 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش يىراقتىكى جايلاردىمۇ ھېس قىلىنغان بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

ساخالىن دېڭىز تاشقىنى كۆزىتىش ئۆيى يەر تەۋرەشتىن كېيىندېڭىز تاشقى يۈز بېرىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش 250 يىللىق ئۇيقۇسىدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئويغىنىپ، كۆك يۈزىگە كۈل ۋە گازلارنى پۈركىگەن كامبالنى يانار تېغى ئەتراپىدا يۈز بەردى. ئېگىزلىكى 2156 مېتىر كېلىدىغان يانار تاغ ئەتراپىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىلدى.

1952-يىلى 4-نويابىر كامچاتكىدا 9 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، 1900-يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن. يەر تەۋرەشتىن كېيىن پەيدا بولغان توققۇز مېتىر ئېگىزلىكتىكى دولقۇنلار ھاۋاي ئارىلىغىچە يېتىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر