خىتايدىن شىمالىي كورېيەگە بىۋاستە ئايروپىلان قاتناشقا باشلىدى

لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن شىمالىي كورېيەگە تۈنۈگۈندىن باشلاپ بىۋاستە ئايروپىلان قاتناشقا باشلىدى.

701450
خىتايدىن شىمالىي كورېيەگە بىۋاستە ئايروپىلان قاتناشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىياۋنىڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق دەندوڭ شەھىرىدىن شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پىيوڭياڭغا بىۋاستە ئايروپىلان قاتناشقا باشلىدى.

ئايروپىلان سەپىرىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈن پىيوڭياڭ سۇنان ئايرودۇرۇمىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدىن كېيىن شىمالىي  كورېيەدىكى Air Koryo شىركىتىنىڭ P671 تىپلىق ئايروپىلانى تۈنۈگۈن پىيوڭياڭغا تۇنجى يولۇچىلارنى ئېلىپ ماڭدى. يولۇچىلار ئايرودۇرۇم خادىملىرى تەرىپىدىن گۈل-چىچەك ۋە ئالقىشلار بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

پىيوڭياڭ-دەندوڭ سەپەرلىرى سەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى بولۇپ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەرلىك سائەت 9:00دا پىيوڭياڭدىن قوزغىلىدىغان ئايروپىلان 40 مىنۇتتىن كېيىن خىتاينىڭ دەندوڭغا شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ، ئايروپىلان شۇ كۈنى سائەت 11:40دا پىيوڭياڭغا قايتىپ كېلىدۇ. 73 كىشىلىك بولغان ئايروپىلاننىڭ تۇنجى سەپىرىدە 50 يولۇچى قاتنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر