ئېيفېل مۇنارىغا ئوق ئۆتمەس ئەينەك ئورنىتىلىدۇ

پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشى ئېيفېل مۇنارىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئوق ئۆتمەس ئەينەك ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

700495
ئېيفېل مۇنارىغا ئوق ئۆتمەس ئەينەك ئورنىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ سىموۋلىغا ئايلانغان ئېيفېل مۇنارىغا ئوق ئۆتمەس ئەينەك ئورنىتىلىدۇ.

پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشى ئېيفېل مۇنارىغا ئوق ئۆتمەس ئەينەك ئورنىتىش لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىنىڭ قارارنامىسىدە «تېررورلۇق تەھدىتى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇنارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ تولىمۇ مۇھىم بولۇپ قالغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەندى.

2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىشى پىلانلانغان بۇ لايىھەگە 20 مىليون ياۋرو چىقىم كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېيفېل مۇنارىنىڭ ئالدى ۋە كەينىگە 2 يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە ئوق ئۆتمەس ئەينەك ئورنىتلىدىغان بولسا، مۇنارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە مېتال رىشاتكىلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.  بۇنىڭدىن كېيىن ئېيفېل مۇنارىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچىلەر بىخەتەرلىك ئېغىزىدىن كىرىدىكەن.  

بۇنىڭدىن كېيىن كىرىش ئېغىزىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىخەتەرلىك  خىزمىتى ۋە تاق كىرىش سەۋەبىدىن ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇنار ئەتراپىدىكى قاتناش بېكەتلىرىمۇ ئۆزگەرتىلىدىكەن.

ئېيفېل مۇنارىنى ھەر يىلى تەخمىنەن 7 مىليون ساياھەتچى ئېكسۇرسىيە قىلىدۇ.

ئېيفېل مۇنارىنى باشقۇرۇش شىركىتى 2016-يىلدىكى ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى ئەسناسىدا مۇنارنىڭ ئەتراپىغا مېتال رىشاتكىلار ئورناتقانىدى.

لېكىن مېتال رىشاتكىلارنىڭ مۇنارىنىڭ مەنزىرىسىنى بۇزۇپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېيفېل مۇنارىنى باشقۇرۇش شىركىتى تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر