ئامېرىكىدا ئىككى قىز بالا كىيىملىرى سەۋەبىدىن ئايروپىلانغا چىقىرىلمىدى

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان يۇنايتىد ھاۋا يوللىرى شىركىتى (United Airlines)، تار كىيىم كىيگەن ئىككى قىز بالىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.

699809
ئامېرىكىدا ئىككى قىز بالا كىيىملىرى سەۋەبىدىن ئايروپىلانغا چىقىرىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ئىككى قىز بالىنىڭ كىيىملىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن ئايروپىلانغا چىقىرىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، دېنۋېر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن مىننېياپولىس شەھىرىگە بارماقچى بولغان ئىككى قىز بالا، كىيىملىرىنىڭ بەلگىلىمىگە «ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» سەۋەبىدىن ئايروپىلانغان چىقىرىلمىغان.

ھاۋا يوللىرى شىركىتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يولۇچىلارنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشى ياكى تار كىيىملىرىنىڭ ئۈستىگە باشقا كىيىم كىيىشى تەلەپ قىلىنغان. تار كىيىم كىيىۋالغان باشقا يولۇچى كىيىمىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان.

يۇنايتىد ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىشىدىن كېيىن، ئايروپىلانغا چىقىرىلمىغان يولۇچىلارنىڭ بېلىتىدىكى «كىيىم-كېچەك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر