شىۋېيتسارىيە، ئەردوغان ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان يىغىلىش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى

شىۋېيتسارىيە بېرن-مىتتېلاند رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە تېررورچى گۇرۇپپىلار ئاچقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان پەسكەشلەرچە پىلاكاتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

699689
شىۋېيتسارىيە، ئەردوغان ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان يىغىلىش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بېرننىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مۇدىرى رېتو نائۇسې، تەكشۈرۈشنىڭ تېررورچى گۇرۇپپىلار ئۆتكۈزگەن نامايىشقا ئالاقىدار رۇخسەت شەرتلىرىنىڭ ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە تەكشۈرۈش باشلانغان بولسىمۇ، مەزكۇر شەرمەندىلەرچە پىلاكاتقا چېتىشلىق ھېچبىر كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىنمىدى.

شەنبە كۈنى شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ئىجازىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىلىشنى شىۋېيتسارىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسى بىلەن يېشىللار پارتىيەسىمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقنى ئوچۇق – ئاشكارا تەشۋىق قىلغان يىغىلىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر جىنايەت توغرىسىدا دەرھال قانۇنىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

مىنىستىرلىق يەنە، شىۋېيتسارىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋالتېر ھافنېرنى چاقىرتىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ بېرندە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كۆرسەتكەن يىغىلىشنى ئۆتكۈزگەنلىكىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەنبەلەر، ھافنېرغا جاۋابكارلارنىڭ كېچىكتۈرۈلمەستىن ئېنىقلىنىپ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنى ۋە تېگىشلىك جازانىڭ بېرىلىشىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر