لوندوندا مۇسۇلمان ئاياللار تېررورىزىمغا قارشى زەنجىر شەكىللەندۈردى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مۇسۇلمان ئاياللار ۋېستمىنستېر كۆۋرۈكىدە تېررورىزىمغا قارشى زەنجىر شەكىللەندۈردى.

699890
لوندوندا مۇسۇلمان ئاياللار تېررورىزىمغا قارشى زەنجىر شەكىللەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا 22-مارتتا سادىر بولغان قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن، بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئاياللار قولمۇ قول تۇتۇشۇپ ۋېستمىنستېر كۆۋرۈكىدە ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

«ئاياللار يۈرۈشى»مۇنبىرىگە ئەزا ئاياللار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، ئۈمىدنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدىغان يېشىل رەڭلىك شارپىلارنى ئارتىپ ۋېستمىنستېر كۆۋرۈكىگە چىققان مۇسۇلمان ئاياللار قولمۇ قول تۇتۇشۇپ بىرلىك سىگنالى بەردى.

ئاياللار ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرگە ئاتاپ 5 مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى. ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى خالىت مەسۇد ئىسىملىك زوراۋان ئىجارىگە ئالغان بىر جىپ ماشىنا بىلەن تايمېس دەرياسى ئۈستىدىكى ۋېستمىنستېر كۆۋرۈكىدە مېڭىۋاتقان پىيادىلەرنى بېسىپ، پارلامېنت باغچىسىنىڭ تېمىغا سوقۇلۇپ كېتىدۇ، ئارقىدىن  بىر ساقچىغا پىچاق سالغان بۇ زوراۋان  يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشىدۇ.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالدى.

ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسىدە بىرى ساقچى بولۇپ تۆت كىشى ئۆلدى. ئۆلگەنلەر ئارىسىدا دادىسى قىبرىسلىق بولغان ئايشە فىرادەمۇ بار ئىدى.

50دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ۋەقەسىدە يارىلانغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھېلىھەم ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە ساقچىلىرى  ھۇجۇمنىڭ 84 سېكۇنت داۋاملاشقانلىقىنى ۋە تېررورچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر