ترامپ ھۆكۈمىتى خام نېفىت لايىھەسىنى ئىمزالىدى

ترامپ ھۆكۈمىتى كانادادىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا خام نېفىت يۆتكىلىدىغان Keystone XL  تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

698996
ترامپ ھۆكۈمىتى خام نېفىت لايىھەسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە ئاساسلىق تالاش – تارتىشقا ئايلىنىپ قالغان ۋە ئۇزۇن يىللار كېچىكتۈرۈلگەن لايىھە ئىشقا ئاشقان بولدى.

5 ئىشتاتنى كېسىپ ئۆتىدىغان ۋە 8 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلغان تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق كانادادىكى ئالبېرتادىن تېكسەستىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا كۈنىگە 800 مىڭ ۋارىل نېفىت  يۆتكىلىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، لايىھەنى «ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىدىكى يېڭى دەۋر» دەپ ئاتىدى.

لايىھە كانادانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭمۇ تەۋسىيەسى تەلەپ قىلىنغان، مىنىستىرلىق لايىھەنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر