سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئونلارچە پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى گۇتا رايونىغا جايلاشقان ھامۇرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 17 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 50 كىشى يارىلاندى.

699058
سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئونلارچە پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر تۈرمە بومباردىمان قىلىنىپ، 16 كىشى قازا قىلدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومباردىماندىن كېيىن تۈرمىدە گۇندىپايلار قاچماقچى بولغان مەھبۇسلارغا ئوق چىقارغان بولۇپ، بومباردىمان جەريانىدا 2 گۇندىپاي بىلەن قوشۇلۇپ، 16 كىشى ئۆلگەن.

سۈرىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىكى توختاۋسىز ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن قاچقانلارنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىدلىب شەھىرىنىڭ نوپۇسى كۆپەيگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر