ئامېرىكا ۋىزا شەرتلىرىنى ئېغىرلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ، ئۆتكەن ھەپتە دۆلىتىنىڭ پۈتكۈل دىپلوماتىك ئورۇنلىرىغا يوليورۇق چۈشۈرۈپ، ۋىزا ئىلتىماسىغا ئالاقىدار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

698480
ئامېرىكا ۋىزا شەرتلىرىنى ئېغىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيو يورك گېزىتىنىڭ مەزكۇر دىپلوماتىك ھۆججەتنىڭ بىر نۇسخىسىنى قوشۇپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ترامپ دائىرىلىرىنىڭ يېڭى ۋىزا تۈزۈمىگە ئالاقىدار كۈچلۈك بىخەتەرلىك رەسمىيەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىغا ئورۇن ئاجراتتى.

ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان 38 دۆلەت پۇقرالىرىدىن باشقا دۇنيا مىقياسىدا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلىگەن خۇسۇسىي مەلۇماتلىرى ئەتراپلىق تەكشۈرۈلىدىكەن.

15 – مارتتا يوللانغان تىللېرسون ئىمزالىق ھۆججەتتە، «دۆلەتنىڭ تېررورلۇق خەۋپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن، چەت ئەللىكلەرنىڭ كىرىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىشى» نىڭ نىشان قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن يېقىنقى 15 يىللىق ساياھەت ئۆتمۈشى، تۇرغان جايلىرى، خىزمەت قىلغان ئورۇنلىرى بىلەن، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدىكى ئېلخەت ئادرېسلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلىشقا بولىدىكەن.

ۋىزا تەلەپ قىلغۇچىلار بىلەن تېخىمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە ۋىزا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەۋسىيە قىلىنغان ھۆججەتتە، ئەلچىخانا ياكى كونسۇلخانىلاردىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ «كىملەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن خەۋپ ياكى ئەمەسلىكى» گە قارار قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىران، سۇرىيە ، لىۋىيە، يەمەن، سومالى ۋە سۇداندىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلىنىدىغان ۋىزا ئىلتىماسلىرىدا بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ مەلۇماتلىرى تېخىمۇ ئەستايىدىل تەكشۈرۈلىدىكەن ۋە «ئىلگىرى دائېش كونترول قىلغان جايلاردا تۇرغان – تۇرمىغانلىقى» مۇ سورىلىدىكەن.

ھۆججەتتە، ئىلگىرى دائېش قولغا كىرگۈزگەن بىر ھەر قانداق بىر جايدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسلىرىنىڭ چوقۇم تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئورتاقلىشىلغان ياكى ئورتاقلىشىلمىغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىراق ئۈچۈن ئايرىم بىر كاتېگورىيە ئاجرىتىلغان ھۆججەتتە،بۇ دۆلەتنىڭ ترامپ دائىرىلىرىنىڭ يېڭى ۋىزا تۈزۈمىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقى، ئەمما، بولۇپمۇ دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا تۇرغان ئىراق پۇقرالىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە پۈتكۈل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر