ئامېرىكا پالاتاسى ترامپنىڭ ئىسىرائىلىيە ئەلچى نامزاتىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىسىرائىلىيە باش ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسەتكەن داۋىد فىرىدماننى تەستىقلىدى.

698161
ئامېرىكا پالاتاسى ترامپنىڭ ئىسىرائىلىيە ئەلچى نامزاتىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە نامزات كۆرسىتىلگەن جۇمھۇرىيەتچى كونسېرۋاتىپلاردىن داۋىد فىرىدمان پالاتادا 46 گە قارشى 52 گە ئاۋاز بىلەن قوللاشقا ئېرىشتى.

فىرىدمان ئىسىرائىلىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار كىشى دەپ بىلىنىدۇ. 57 ياشلىق فىرىدمان يەھۇدىي ئائىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىسىرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكىلىشىنى قوللايدۇ. فىرىدمان بىر مەزگىل ئىسىرائىلىيە گېزىتىدە ستۇن يازغۇچىسى بولغان. ئۇنىڭ قۇددۇسقا يېقىن بىر جايدا ئۆيى بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر