مۇبارەك قويۇپ بېرىلدى

ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن قاماقتىن بوشىتىلغان مىسىرنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پىرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە چىقتى.

698474
مۇبارەك قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2011 – يىلىدىن خەلق قوزغىلىڭى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە 2012 – يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھۆسنى مۇبارەك، سالامەتلىك ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇپ يۆتكەلگەن ھەربىي دوختۇرخانىدىن قويۇپ بېرىلدى.

ھۆسنى مۇبارەك (88 ياش)، تېخى يېقىندىلا «2011 – يىلىدىكى نامايىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى» غا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەردىن يۇقىرى سوتنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئاقلىنىپ چىققانىدى.

چەت ئەلگە چىقىشى مەنئىي قىلىنغان ھۆسنى مۇبارەك، نۆۋەتتە سالامەتلىك ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلۇپ يۆتكەلگەن ئەلمەئادى ھەربىي تۈرمىسىدە يېتىۋاتاتتى.

مىسىردا يۈز بەرگەن 2011 – يىلى 25 – يانۋار ئىنقىلابى ئەسناسىدا ئۆز دەۋرىنىڭ پىرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، بۇ ئىشتىن كېيىن كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە كۆپىنچىسىنىڭ ئۈستىدىن «چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ دېلو تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇ دائىرىدە، ھۆسنى مۇبارەكمۇ 2012 – يىلى ئەرەب باھارى مەزگىلىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 239 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، گېنېرال سىسىنىڭ مىسىردا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدىن كېيىن، يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ دېلوسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، بۇ يىل 2 – مارتقا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاقلانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ھۆسنى مۇبارەكنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاقلانغان «ئەلئېھرام گېزىتى رەھبەرلىرىدىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن دېلونىڭ قايتىدىن تەكشۈرۈلۈشىگە ھۆكۈم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر