بىر ئوچۇم ۋېنېزۇئېلا ئەسكىرى كولومبىيە تېررىتورىيەسىدە بارگاھ قۇرۇۋالدى

ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىدىن 60 ئەسكەر كولومبىە چېگراسىدىن ئۆتۈپ بۇ دۆلەت تېررىتورىيەسىدە بارگاھ قۇرۇۋالدى

697522
بىر ئوچۇم ۋېنېزۇئېلا ئەسكىرى كولومبىيە تېررىتورىيەسىدە بارگاھ قۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىر ھەربىي قىسىم كولومبىيە چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كولومبىيە تېررىتورىيەدە بارگاھ قۇرۇۋالدى.

كولومبىيەدىكى بىلۇ رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىدىن 60 ئەسكەر ۋېنېزۇئېلا دۆلەت بايرىقىنى ئېلىپ كولومبىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدىكى ئاراكا رايونىغا قاراشلىق ئاراكىتا شەھىرىنىڭ بىر يېزىسىغا ئۆتۈپ بۇ جايدا بارگاھ قۇرۇۋالغانلىقى قەيت قىلىندى. رادىيوغا مەلۇمات بەرگەن رايون خەلقى ۋېنېزۇئېلا ئەسكەرلىرىنىڭ رايونىغا ھېچكىمنى يېقىن كەلتۈرمەيۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ ۋەقە كولومبىيەنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتتى. تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلا مەنسەبداشلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆرۈشكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلگەن ئۇچۇردا، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رايونغا بىر مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇلتۇر ئۆكتەبىردە يەنە ھەربىي ساھەدە سۈركىلىش يۈز بەرگەنىدى. كولومبىيەنىڭ دۆلەت ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Avianca ، مادرىد-بوگوتا سەپىرىدىكى بويىڭ 787 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ۋېنېزۇئېلا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ توسوۇۋېلىشى سەۋەبىدىن، بۇ ئايروپىلاننىڭ يۆنىلىنىشى ئۆزگەرتكەندىن سىرت، كاراكاس سەپەرلىرىنىمۇ بىكار قىلىۋەتكەنىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىككى دۆلەت بىر-بىرىلىرىنى سوغاققان بولۇشقا چاقىرىپ، كىرىزىسنى ھەل قىلغانىدى، دۆلەت ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Avianca قايتىدىن بۇ دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشكە باشلاپ، كاراكاس سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر