ئامېرىكا سەككىز دۆلەتكە ئېلېكتىرونلۇق ئاپپارات چەكلىمىسىنى يولغا قويدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەككىز دۆلەتكە قاتنايدىغان بىۋاستە ھاۋا يولى سەپەرلىرىدە يولغا قويغان ئېلېكتىرونلۇق ئاپپارات چەكلىمىسىگە «تېررورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ سودا خاراكتېرىدىكى ئايروپىلانغا مەخپىي سىڭىپ كىرىش مۇمكىنلىكى» نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

697066
ئامېرىكا سەككىز دۆلەتكە ئېلېكتىرونلۇق ئاپپارات چەكلىمىسىنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاقىتلىق باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەككىز دۆلەتكە قويۇلغان چەكلىمە قارارىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك بىيۇروسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «مەزكۇر قارار يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگەن ھاۋا يوللىرى قاتنىشىدا، تېررورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ سودا ئايروپىلانلىرىغا مەخپىي سىڭىپ كىرىش خەتىرى سەۋەبىدىن ئېلىندى» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ سودا خاراكتېرىدىكى ئايروپىلانلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە پارتلىغۇچى ئۈسكۈنە ئەتكەسچىلىكىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چەكلىمە قويۇلغان دۆلەتلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ھاۋا يولى شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن (21-مارت) سەككىز دۆلەتتىكى 10 ئايرودۇرۇمدىن ئامېرىكىغا بىۋاستە قاتنايدىغان ئايروپىلانغا، يولۇچىلارنىڭ يانفوندىن چوڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ چىقىشىنى مەنئى قىلغان پەرماننى ئىمزالىغان ئىدى.

بۇ بەلگىلىمە، تۈركىيە، ئابۇ دابى ۋە دۇبەي (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى)، ئاممان (ئىيوردانىيە)، جىددە، رىياد (سەئۇدى ئەرەبىستان)، دوھا (قاتار)، قاھىرە (مىسىر)، كاسابلانكا (ماراكەش) ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر