ترامپ جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

ترامپ: «ئەگەر يېڭى سەھىيە قانۇنىنى چىقىرالمىساڭلار، بۇ خەلق توپىنى توپلىيالمايدىغان بولۇپ قالىمىز ۋە  2018 – يىلىدا نۇغۇنۇڭلار ئورنۇدۇقلىرىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىدۇ» دېدى.

696773
ترامپ جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرسى بولغان سەھىيە قانۇنلىرىغا ئەگەر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن تەقدىردە، نۇرغۇنلىغان جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ 2018 – يىلىدىكى سايلامدا ئورۇندۇقىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى زىيارىتى جەريانىدا جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى بىلەن يېڭى سەھىيە قانۇنى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى. يېڭى قانۇننىڭ ئاۋام پالاتا ۋە يۇقىرى پالاتانىڭ تەستىقىدىن چوقۇم ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، سابىق پىرېزىدېنت ئوباما مەزگىلىدە چىقىرىلغان ۋە خەلق ئارسىدا «ئوباماچارە» دەپمۇ تونۇلغان سەھىيە ئىسلاھاتى قانۇنىنىڭ تولىمۇ ناچار، چوقۇم ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىك بىر قانۇن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم تەكىتلىدى.

ئاۋام پالاتا ئۈچۈن 2018 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنى ئەسكەرتكەن دونالد ترامپ: «ئەگەر يېڭى سەھىيە قانۇنىنى چىقىرالمىساڭلار، بۇ خەلق توپىنى توپلىيالمايدىغان بولۇپ قالىمىز. بۇنى ئىشقا ئاشۇرمىساڭلار 2018 – يىلىدا نۇغۇنۇڭلار ئورنۇدۇقلىرىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.

ئاۋام پالاتا باشلىقى پائۇل رىيان بولسا، مۇزاكىرىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇزاكىرىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ۋە ترامپ بىلەن جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ سەھىيە قانۇنى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ باغانچە بىر - بىرىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خامچوت ئىشخانىسى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ «ئوباماچارە»نىڭ ئورنىغا قويماقچى بولغان سالامەتلىك سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنىڭ 2026 – يىلىغىچە 24 مىليون ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ سۇغۇرتىسىنى يوقۇتۇپ قويىۇشىغا سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر