دانىيە ياغلىق چەگكۈچىلەرگە قارشى ئېغىر سەتچىلىككە يول قويدى...

ئاتالمىش ئەركىنلىكلەرنىڭ مەركىزى ياۋروپانىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان چەكلىمىلىرى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا.

696756
دانىيە ياغلىق چەگكۈچىلەرگە قارشى ئېغىر سەتچىلىككە يول قويدى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەدە ياغلىق ئارتىدىغان ئىشسىزلار، تەۋسىيە قىلىنغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا خوجايىن تەلەپ قىلغان تەقدىردە ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئېلىۋېتىشنى خالىمىغانلار ھەم ئىشتىن ھەم ئىشسىزلىق مائاشىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.

دۆلەتنىڭ ئىككى چوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، ئۆزلىرىگە تەۋسىيە قىلىنغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىشسىزلىق مائاشىنى توختىتىش يولىنى تۇتتى.

دانىيە ئەمگەك قانۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشچىلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچى تېپىش ئورگانلىرى كۆرسەتكەن خىزمەت ئورۇنلىرىنى مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلماستىن قوبۇل قىلىشى شەرت قىلىنىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەدلىيە ئورگىنى بولغان ياۋروپا ئەدلىيە دىۋانى (مەھكىمىسى)، 14 – مارتتا قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەردە خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ «گەۋدىلىك شەكىلدە ھەر قانداق بىر سىياسىي، پەلسەپى ياكى دىنىي سىمۋولنى قوللىنىشى» نى مەنئىي قىلالايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر