ئامېرىكا تاموژنىلىرىدا مۇسۇلمانلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنماقتا

ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ھەسەن ئادەن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

695533
ئامېرىكا تاموژنىلىرىدا مۇسۇلمانلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئامېرىكا پۇقراسى  بولغان تېگى مۇسۇلمان پىنسىيەگە چىققان ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھەسەن ئادەن، نىيۇيوركتىكى JFK خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ساياھەت چەكلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك پەرمانلىرىنىڭ فېدراتىپ سوتچىلار تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلۇشىنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى خادىملار ئايرودۇرۇملاردا مۇسۇلمانلارنى نازارەتكە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى گىرېنۋىللې شەھىرىنىڭ سابىق ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھەسەن ئادەن، JFK خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا 1 يېرىم سائەت توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.

ھەسەن ئادەن Facebook ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ياشاۋاتقان ئانىسىنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ئامېرىكىغا قايتىش ئەسناسىدا 13-مارتتا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تاموژنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بىر خادىم تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى ئېيتقان ھەسەن ئادەن مۇنداق دېدى: «ئايالىم بىلەن يانفون ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىشىمغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى، ماڭا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلدۇرمىدى.»

ھەسەن ئادەن بىر زامانلار قۇدرەتلىك دۆلەت بولغان ئامېرىكىنىڭ كېلەچىكىگە بۇنىڭدىن كېيىن گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەركىنلىكىم چەكلەندى، كېيىنكى قېتىم بۇنىڭ قايتىلانمايدىغانلىقىغا،ساياھەتتىن قايتىپ ئائىلىمنىڭ قېشىغا كېلەلىشىمگە ئىشىنەلمەيمەن.»


خەتكۈچ: #ئامېرىكا , #Facebook , #JFK

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر