پېرۇدا كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 72گە يەتتى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن پېرۇدا كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 72گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

694338
پېرۇدا كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 72گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن پېرۇدا شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلار سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 72گە يەتتى.

پېرۇ باش مىنىستىرى فېرناندو زاۋالا، ر پ ك رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پېرۇنىڭ يېرىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلار كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ تاشقىنلىرى ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 72 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «جىددىي ھالەت»ئېلان قىلىنغان 81 تۇرالغۇ رايوندا جەمئىيەت تەرتىپىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئارمىيە قىسىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

پايتەخت لىماغا 1 ھەپتىدىن بۇيان سۇ بېرىلمەي كېلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر