تۈركىيە-گوللاندىيە كىرىزىسى ۋە ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن سىنىقى

تۈركىيە-گوللاندىيە كىرىزىسى ۋە ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن سىنىقى توغرىسىدا ئىلمىي سۆھبەت

693068
تۈركىيە-گوللاندىيە كىرىزىسى ۋە ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن سىنىقى

گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ گوللاندىيە زېمىنىغا چۈشۈشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى، شۇنداقلا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل كايانى تۈركىيەنىڭ روتېردامدىكى كونسولخانىسىغا كىرگۈزمەسلىكى نەتىجىسىدە تۈركىيە-گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدا باشلىغان كىرىزىس بېسىقىشنىڭ ئورنىغا بارغانچە كەسكىنلىشىپ، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. لېكىن گوللاندىيەدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن، گوللاندىيە دائىرىلىرى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ بايانات بېرىشكە باشلىدى.

بۇ كىرىزىس تۇيۇقسىزلا چىقتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەرمۇ بارمۇ ؟ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا باشلىغان بۇ كىرىزىس نېمە ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كېڭىيىپ، كۆپ تەرەپلىملىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قالدى؟ گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ سايلامدىن بۇرۇن كىرىزىسنى كەسكىنلەشتۈرۈپ سايلامدىن كېيىن كىرىزىسنى پەسەيتىش توغرىسىدابايانات بېرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ كىرىزىس بىلەن سايلام ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدە سايلامنىڭ ئالدى كەينىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر