باش مىنىستىر يىلدىرىم گىرۇزىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

باش مىنىستىر يىلدىرىم گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گىئورگى كۋىرىكاشۋىلى بىلەن كۆرۈشتى.

692637
باش مىنىستىر يىلدىرىم گىرۇزىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم تۈنۈگۈن كەچتە گىرۇزىيەگە يېتىپ بارغانىدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «ئارتۋىن بىلەن باتۇم يانمۇيان شەھەرلەردۇر. ھەر كۈنى تۈركىيەدىن  گىرۇزىيەگە، گىرۇزىيەدىنمۇ تۈركىيەگە ناھايتى كۆپ كىشى كېلىپ – كېتىپ تۇرىدۇ، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دۆلىتىمىزنىڭ گىرۇزىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. دوستۇم كۋىرىكاشۋىلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋە ئالدىن پىلانلانغان بىر يىغىن ئۈچۈن گىرۇزىيەگە كەلگەنىدىم، ئۇچرىشىشتا، سەمىمىي ۋە دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – گىرۇزىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ يىل چاقىلىرىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىككىنچى قېتىملىق يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

يىلدىرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن پايتەخت ئەنقەرەگە  قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر