ئەرەب قەبىلىلەر پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى قوشۇن تەشكىل قىلىدۇ

ئەرەب قەبىلىلەر بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك، ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن قوشۇن تەشكىل قىلىدۇ.

691681
ئەرەب قەبىلىلەر پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى قوشۇن تەشكىل قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك ۋە دائېش تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايونلاردىكى 50 ئەرەب قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى ھەربىي ۋە سىياسىي مىخانىزم تۇرزۇغۇش مەقسىتىدە شانلىئۇرفادا بىر يەرگە جەم بولدى.

يىغىندا نىشاننىڭ، «ھەممىمىز بىرلىشىپ، بەششار ئەسەد – رۇس – ئىران، ھىزبۇللاھ، دائېش ۋە پ ي د ئىشغالىغا خاتىمە بېرەيلى!» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى جاكارلاندى.

قەبىلە باشلىقلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن «ئەلجەزىرە ۋە فىرات قەبىلىلىرى قوشۇنى» نامى ئاستىدا ھەربىي قوشۇن تەشكىل قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېڭى تەشكىل قىلىنىدىغان قوشۇنغا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلغان ئوفىتسېرلار بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرىنىڭ قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىنغا قاتناشقان قەبىلە باشلىقلىرى نامىدىن سۆز قىلغان شۇئايتات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شەيخ رافى ئەرراجو ئۇكلا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پ ي د غا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، پ ي د نىڭ دائېشتىن قىلچە پەرقى يوق. پ ي د نۇرغۇن ئائىلىنى ۋەيران قىلدى، 50 تەىن ئارتۇق يېزىدا ئەرەبلەرنى سۈرگۈنگە مەجبۇر قىلدى» دېدى.

نىشانلىرىنىڭ ئامېرىكىنى بۇ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالغۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۇكلا، 3 مىليون كۆچمەنمنى باغرىغا بېسىۋاتقان تۈركىيەگە، ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىۋاتقان قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىشىنى، قەتلىئاملارغا ۋە سۈرگۈن قىلىنىش قىلمىشلىرىغا، رۇس ۋە ئىران ئىشغالىغا، پ ي د، دائېش ۋە ھىزبۇللاھ تېررورىغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر