ترامپ پېنتاگونغا يەمەندە خالىغانچە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پېنتاگونغا يەمەندە خالىغانچە ھەربىي ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بەردى.

692213
ترامپ پېنتاگونغا يەمەندە خالىغانچە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ (پېنتاگون) يەمەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن قوشۇمچە ئەسكەر تەلەپ قىلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پىرېزىدېنتنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپمۇ يەمەنگە ئوخشاش دۆلەتلەردە خالىغانچە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدىكەن.

CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان  بىر پېنتاگون مەسئۇلى، ئاق سارايدا لىۋىيە ۋە سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇ يول بويىچە ھەرىكەت قىلىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ پېنتاگونغا بەرگەن ھوقۇقى بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى «ئىستىراتېگىيەلىك ئۈنۈم»پەيدا قىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ، يەمەننىڭ ئۈچ ۋىلايىتى «ئاكتىپ ئۇرۇش مەيدانى»بولىدۇ، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدە بېكىتلگەن يەمەنگە ئوخشاش ئۇرۇش بولىۋاتقان دۆلەتلەردىن باشقا جايلاردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر قېتىملىق ھۇجۇمنى پىرېزىدېنتنىڭ تەستىقىغا بىلدۈرۈش بەلگىلىمىسى بوشايدۇ.   

پېنتاگون مەسئۇلى يەنە يەمەندە كېيىنكى ئىككى ھەپتىدە 40 قېتىمدەك ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ، ترامپنىڭ پېنتاگونغا بەرگەن  يېڭى ھوقۇقنىڭ ئىشارەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

Wall Street Journal  گېزىتى،  ئوباما دەۋرىدە پەقەت ئارمىيەنىڭ ئىلكىدىلا بولغان بومباردىمان قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى(CIA)غىمۇ بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ ھوقۇقىنى تۇنجى قېتىم ئۆتكەن ئاي سۈرىيەدە ئەل قائىدە كاتتىباشلىرىدىن مىسرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر