خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاي يۇقۇملۇق كېسەللىك توغرىسىدا دوكلات قىلدى.

690913
خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئۆتكەن ئاي 1409 كىشى يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلدى.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ئائىلە خىزمەتلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «فېۋرال ئېيىدا مەملىكەت مىقىياسىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»ناملىق دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئاي 485مىڭ 649 يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋەقەسى كۆرۈلگەن.

مەزكۇر دوكلاتقا كۆرە، 1097 كىشى ئەيدىز، 142 كىشى ئۆپكە سىلى (تۇبېركۇليوزى)، 61 كىشى قۇش زۇكۇمى كېسەللىكى سەۋبىدىن ئۆلگەن بولسا، جىگەر ياللۇغى، سىفلىس ۋە غالجىر قاتارلىق كېسەللىكلەر تۈپەيلى 109 كىشى ئۆلگەن.

دوكلاتتا كېسەللىك ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ خوڭكوڭ بىلەن ماكاۋ ئالاھىدە رايونلىرى بىلەن تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر