ئامېرىكا ئايروپىلان شىركىتى بويىن خىتايدا زاۋۇت ئاچىدۇ

ئامېرىكا ئايروپىلان شىركىتى بويىن خىتايدا قوراشتۇرۇش زاۋۇتى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

690500
ئامېرىكا ئايروپىلان شىركىتى بويىن خىتايدا زاۋۇت ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئايروپىلان شىركىتى بويىن، 737 تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇنجى قوراشتۇرۇش زاۋۇتىنى خىتايدا ئاچىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بويىن شىركىتى خىتاينىڭ شەرقىگە جايلاشقان جوشەن شەھىرىدىكى COMAC ئايروپىلان شىرىكىتى بىلەن شېرىكلىشىپ ئايروپىلان قوراشتۇرۇش زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

بۇ زاۋۇت قوراشتۇرۇش ۋە تارقىتىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ.

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشى باشلىنىدىغان زاۋۇتتا تۇنجى ئايروپىلاننىڭ كېلەر يىلى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بويىن شىركىتىگە تەۋە بۇ زاۋۇتنىڭ يىلدا 100 ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىدىغان تەرىقىدە لايىھەلەنگەنلىكى، شۇنداقلا زاۋۇتتا بويىن ئايروپىلانلىرىنىڭ رېمونت قىلىنىپ بوياق ئىشلىرىنىڭمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر