موقدىشۇدا ئىككى ئايرىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى بىر مېھمانخانا بىلەن بىر ھەربىي مەشىق رايونى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

690294
موقدىشۇدا ئىككى ئايرىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا بىر ئاپتوموبىل بومبىنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

موقدىشۇنىڭ ۋەجدەر رايونىدىكى بىر ھەربىي مەشىق رايونىغا يېقىن جايدىمۇ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا، 2 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككىسى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 4 كىشى يارىلاندى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

سومالىدا، 2004 – يىلى قۇرۇلغان ئەششەباب تەشكىلاتى ئەزالىرى پايتەخت موقدىشۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردىكى مېھمانخانا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر