دۇنيا تاراتقۇلىرىدا تۈركىيە-گوللاندىيە كىرىزىسى ھەرخىل تەرىقىدە خەۋەر قىلىندى

دۇنيا تاراتقۇلىرىدا گوللاندىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان كاياغا قىلغان ئەدەبسىزلىكى ھەرخىل تەرىقىدە خەۋەر قىلىندى.

690399
دۇنيا تاراتقۇلىرىدا تۈركىيە-گوللاندىيە كىرىزىسى ھەرخىل تەرىقىدە خەۋەر قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان كاياغا قىلغان ئەدەبسىزلىكى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.

ئەنگلىيەدىكى ۋاقىت گېزىتى، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتنىڭ گوللاندىيەدە يېقىنلىشۋاتقان سايلامدىن ئىلگىرى رادىكال مىللەتچى گېرت ۋىلدېرسنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەل جەزىرە مۇخبىرى فايسال قاسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېرسىدا مۇنۇ ئۇچۇرلارنى تارقاتتى: «غەرب دۇنياسى تۈركىيەنى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان جۇمھۇ رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولسا، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىدىكى بەششار ئەسەدكە ھېچقانداق ئىمبارگو يۈرگۈزمىدى.»

بۇ ھەقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە خەۋەر سەھىپىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئاجرىتىپ كېلىۋاتقان CNN خەلقئارا تېلۋىزىيە قانىلى، ئەردوغاننىڭ گوللاندىيەلىك سىياسەتچىلەرنى تەنقىد قىلغاندا سەرپ قىلغان سۆزلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدىكى Sputnik ئورگىنى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى «تۈركىيە ئائىلە مىنىسىتىرى خالانمىغان شەخس، ئېلان قىلىندى ۋە گوللاندىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەدىكى ABC گېزىتى، گوللاندىيەنىڭ فاشست سىياسەتلىرى بىلەن غەيرى دېموكراتىك بەلگىلىملىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ خەۋەر تارقاتتى.

گېرمانىيەدىكى Die Zeit گېزىتى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى «تۈركىيە گوللاندىيەگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئېلان قىلغان بولسا، Bild گېزىتى،  تۈركىيەنىڭ روتېردامدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسى ئالدىغا يىغىلغان تۈركلەرگە ساقچىلارنىڭ ئاپشاركىلىرى بىلەن زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلاردىن Le Figaro ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى «تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس يۈز بەردى»سەرلەھىسى ئاستىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گوللاندىيە تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ بىر خىل جىنايىي ھادىسىدەك خەۋەر قىلىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.

Algemeen Dagblad گېزىتى،  بۇ ھادىسىلەرنى«تۈركىيە كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ ئىمبارگولار بىلەن تەھدىت سېلىۋاتىدۇ»سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئېلان قىلغان بولسا،  De Volksrant گېزىتى، ب «ماشىنىلارنىڭ روللىرىنى بۇرالىيالمايمىز،سوقۇلۇپ كېتىشكە ئاز قېلىۋاتىمىز»سەرلەۋھىسى ئاستىدا تارقاتتى.

شىۋېتسارىيەدە چىقىدىغان Blick گېزىتى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە تۈركچە ماۋزۇ قويۇپ ئوقۇرمەنلىرىدىن 16-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇمدا «رەت ئاۋازى بېرىش»سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ: #CNN , #Sputnik , #ABC , #Le Figaro , #Bild

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر