ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى: سۈرىيەدە بالىلار مىسلى كۆرۈلمىگەن زوراۋانلىقلارغا دۇچار بولماقتا

ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى، سۈرىيەلىك بالىلارنىڭ ھەر خىل قىسمەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

689986
ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى: سۈرىيەدە بالىلار مىسلى كۆرۈلمىگەن زوراۋانلىقلارغا دۇچار بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى، سۈرىيەدە ئەڭ كۆپ بالىلار ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ 2016 – يىلى كۆرۈلگەنلىكىنى، ئۆتكەن يىلى كەم دېگەندىمۇ 652 بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت  بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى سۈرىيەدە بالىلار «مىسلى كۆرۈلمىگەن» زوراۋانلىق قىلىش ۋە ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىدى. دوكلاتتا، 255 بالىلارنىڭ مەكتەپتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 7 ياشلىق بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 850 دىن ئارتۇق بالىنىڭ ئۇرۇشقا، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بولۇشقا، قاراۋۇللۇق قىلىشقا ھەتتا جاللاتلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىغا مەسئۇل باياناتچىسى جۇلىتتې تۇما بۇ قېتىمقى دوكلات توغرىسىدا بايانات بېرىپ، سۈرىيەدىكى بالىلار شارائىتىنىڭ ئەڭ ناچار باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ پاجىئەنىڭ گىرۋىكىگە ئىتتىرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدە دوختۇرخانىلار ۋە سەھىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ كەم دېگەن 338 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، بومبا، ئوق ياكى پارتلاشلاردىن قۇتۇلۇپ قالغان بالىلارنىڭ داۋالاشقا بولىدىغان كېسەللىكلىرى داۋالاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، جىمجىتقىنا ھاياتقا كۆزلىرىنى يۇمغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، مۇھاسىرە ئاستىدا 280 مىڭ، بېرىش قىيىن رايونلاردا بولسا، 2 مىليون 800 مىڭ بالىنىڭ ئىنسانىي ياردەمدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، پاناھلىنىش ئورنى قىلىنغان ياكى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۈرىيەدە 2 مىليون بالا ئوقۇش ھاياتىدىن مەھرۇم ئىكەن.

سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011 – يىلىدىن بۇيان 6 مىليون بالا ئىنسانىي ياردەملەر سايىسىدا ھاياتتا قالماقتا، 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق بال بولسا، تۈركىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە، مىسىر ۋە ئىراقتا مۇساپىرلار سالاھىيىتىدە ياشىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر