ئامېرىكىدا «خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنىدە ئاياللار قولغا ئېلىندى

ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە «خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت ترامپقا قارشى «ئاياللارسىز بىر كۈن» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئاياللار قولغا ئېلىندى.

688224
ئامېرىكىدا «خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنىدە ئاياللار قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنگەن بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرى ترامپقا قارشى نامايىشلار ۋە بايقۇت قىلىش ھەرىكەتلىرىگە سەھنە بولدى.

نىيۇ يوركتا كۆپىنچىسى قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان مىڭلارچە كىشى ئىش تاشلاپ، «ئاياللارسىز بىر كۈن» شوئارى ئاتسىدا پىرېزىدېنت ترامپا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

Central Park نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان خەلقئارا ترامپ سودا سارىيىنىڭ يېنىدىكى كولومبىيە مەيدانىغا يىغىلغان نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى مەيداندا ئولتۇرۇپ، قاتناشنى توختىتىپ، پۇقراۋى ئىتائەتسىزلىك نامايىشى ئۆتكۈزدى.

بۇ نامايىشتىن كېيىن ساقچىلار نىيۇ يورك ئەرەب – ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇسۇلمان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لىندا سارسورنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوندەك ئايالنى قولغا ئالدى.

نامايىشنى سارسوردىن باشقا يەنە، ترامپنىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئاياللارمۇ قوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر