تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە جاۋاب

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، «مەن گېرمانىيەگە بارىمەن، ئەگەر مېنى كىرگۈزمىسەڭلار پۈتكۈل جاھاننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، چاۋاڭلارنى چىتقا يايىمەن» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىنى مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلىمۇ قوللىدى.

686560
تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە جاۋاب

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىننىڭ تۈركىيەلىك مىنىستىرلارنىڭ گېرمانىيەدە خەلققە خىتاب قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن باھچەلى، «ئەگەر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەگە بېرىش ئىرادىسى قەتئىي بولسا ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، مەنمۇ بىللە بارىمەن، مەن ھەمىشە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى قوللايمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ، «باھچەلى مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ ئېسىل خىسلىتى ھەم مۇھىم دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى. شۇڭا باھچەلىنى تەبرىكلەيمەن ھەم ئۇنىڭغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر