خىتايدا ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى

خىتايدا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە، «بەزى كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە قارشى جىنىسلىقلارنى ئەمەس، بەلكى ئوخشاش جىنىسلىقلارنى تاللىيالايدۇ ۋە بۇ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

686707
خىتايدا ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى دەرس قىلىپ ئۆتۈلىدىغان بولدى.

دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق «CNN»  قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

خىتايدا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى قاتارىدىكى «ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت» تېمىلىق دەرس كىتابىغا «LGBTİ» (يەنى ھەزىلەك)لەرمۇ ئورۇن ئالغان قوش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت بۆلۈمى قوشۇمچە قىلىندى.

ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان دەرسلىك كىتابتا، ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ بارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسا، 4 – سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان دەرسلىك كىتابلاردا، «ئىشقى-مۇھەببەت ئىنتايىن گۈزەل» دېگەن تېما ئاستىدا ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى چۈشەندۈرۈلدى.

«Shanghaieast» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، دەرسلىكلەرگە قۇشۇلغان «ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى» بۆلۈمىدە «بەزى كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە قارشى جىنىسلىقلارنى ئەمەس، بەلكى ئوخشاش جىنىسلىقلارنى تاللىيالايدۇ ۋە بۇ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەر-ئاياللار نوپۇسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئالدىنى مۇشۇ يول بىلەن ئالماقچى بولۇۋاتامدۇ- قانداق؟» دېگەندەك ئىنكاسلارنى قايتۇردى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر