ب د ت شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالىي كورېيەنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن 4 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى.

685949
ب د ت شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن چارشەنبە كۈنى جىددىي يىغىن ئاچىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې شىمالىي كورېيە تەھدىتى توغرۇلۇق تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى، ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنىڭ داۋاملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەڭ زور خەۋپ شەكىللەندۈرگەنلىكى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

تۈركىيەمۇ كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ سىناقلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى قايتىدىن دەپسەندە قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCN تۈنۈگۈن  باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مەشق مانېۋىرى دائىرىسىدە قويۇل بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ياپونىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىنى نىشان قىلغان مانېۋىرنى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭمۇ كۆزەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

شىمالىي كورېيە يەنە  ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرى سەۋەبىدىن رايوننىڭ يادرو ئۇرۇشى خەۋپىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر