مۇسۇلدا ئىراق ئارمىيەسى بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن بىگۇناھ كىشى ئۆلدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئىراق ئارمىيەسى بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن بىگۇناھ كىشى ئۆلدى.

685145
مۇسۇلدا ئىراق ئارمىيەسى بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن بىگۇناھ كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ھەربىي قىسىملار بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىگۇناھ 16 كىشى ئۆلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.

ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى لوقمان ئۆمەر ئەت-تاي،  مۇسۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان نەبى شىت مەھەللىسىدە كېلىپ چىققان توقۇنۇشلار ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بالا ۋە ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراق ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرى نەبى شىت ۋە ئەد-دەندەن مەھەللىلىرىدە ئىراق ساقچى قىسىملىرىنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا يېقىن جايدىكى ئەد-دەۋاسە كوچىسىدا دائېش ئەزالىرى بىلەن ئىراق ساقچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر