گوللاندىيەلىكلەر بىر جامەدە ئۇچرىشىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمنەپەسلىك روھىنى ئىپادىلىدى

200 دەك گوللاندىيەلىك گوللاندىيەدە كۈچىيىپ كەتكەن ئىرقچىلىق ۋە ئىسلاموفوبىياغا قارشى ئامستېردامدىكى بىر جامەدە ئۇچراشتى.

685426
گوللاندىيەلىكلەر بىر جامەدە ئۇچرىشىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمنەپەسلىك روھىنى ئىپادىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەس گوللاندىيەلىكلەرنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتتە، «گوللاندىيەگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانقىنى ئىسلام ئەمەس، ئاشقۇنلۇقتۇر» دېگەن سىگنال بېرىلدى. گوللاندىيەدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار، ئۆزلىرىنىڭ ھېچكىمگە ھېچبىر شەكىلدە خەۋپ پەيدا قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشتى.

مۇسۇلمانلار، ئىسلام دىنىغا دۈشمەن ئىرقچى رەھبەر گېرت ۋىلدېرسنىڭ جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى، گوللاندىيەلىكلەر بولسا، گوللاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن كۈچلۈك بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گوللاندىيەدە يېقىنقى مەزگىللەردە ئايرىمىچىلىققا دائىر ۋەقەلەر ئىككى ھەسسە كۆپىيىپ، 50 دىن ئارتۇق جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەڭ يېڭى ئەلرايى نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ھازىرغىچە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىرقچى رەھبەر گېرت ۋىلدېرس، ئىككىنچى قاتارغا چۈشۈپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر