: ئامېرىكىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ۋالىي نامزاتى

مىشىگېن ئىشتاتىدا 32 ياشلىق دوختۇر ۋە خەلق ساغلاملىقى پائالىيەتچىسى ئابدۇررەھمان مۇھەممەد ئەسسەييىد ئامېرىكىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ۋالىيسى بولۇش ئۈچۈن نامزات بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

684143
: ئامېرىكىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ۋالىي نامزاتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرلىق كۆچمەن بىر ئائىلىدە 1985 – يىلى   گرەيتوت كانتىدە تۇغۇلغان ئەسسەييىد ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئىشتاتلىرىدىن  مىشىگېن  ۋالىيسى نامزاتى بولدى.

2015 – يىلى سېنتەبىردە دىترويت شەھەر باشلىقى  مايك دېگېن مەسئۇللۇقىدىكى ساغلاملىق ۋە سەھىيە ياردەم مۇلازىمىتى باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورلۇقىغا  تەيىنلەنگەن ئەسسەييىد نامزاتلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مۇسۇلمان بولساممۇ، مۇسۇلمان بولمىساممۇ مىشىگېن ئىشتاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋالىيسى بولالايدىغانلىقىم ئۈچۈن نامزات بولدۇم. ئېتىقادىم ماڭا نىسبەتەن ناھايتى مۇھىم، چۈنكى كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار ۋە مىشىگېنلىقلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق» دېدى.

ئەسسەييىد سايلانغان تەقدىردە 1978 – يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياش ۋالىيسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق پىرېزىدېنت بىل كىلىنتوندىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ ئەڭ ياش ۋالىيسى بولۇشتىن سىرت يەنە، «تۇنجى مۇسۇلمان ۋالىي» ئۇنۋانىغىمۇ ئېرىشىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مىشىگېن ئىسلام دۈشمەنلىكى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ئىشتاتلاردىن بىرى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر