ئىراندا پايتەختنى يۆتكەش مەسىلىسى قايتىدىن بەس - مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىدى
ئىراندا 73 پارلامېنت ئەزاسى دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېيگە مەكتۇپ يوللاپ، پايتەختنىڭ تېھراندىن باشقا بىر شەھەرگە يۆتكىلىشىنى مەزمۇن قىلغان پىلاننى قوللىشىنى قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنت خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن پارلامېنت ئەزاسى ئەبۇلفەزل ئەبۇ تۇرابى، تېھراننىڭ زىچ نوپۇسى، مۇھىت بۇلغىنىشى، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە يەر تەۋرەش خەۋپى دېگەندەك سەۋەبلەر نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا تەييارلىنىپ، 2013 – يىلى دېكابىر ئېيىدا پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن لايىھەنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
تېھراندا 26 – يانۋاردا مەيدانغا كېلىپ 26 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پلاسكو مەركىزىدىكى ئوت ئاپىتىگە ئىشارەت قىلغان ئەبۇ تۇرابى، «بۇ ۋەقە تېھراندا شەھەر پىلانلاش نۇقتىسىدىن خەۋپ قوڭغۇراقلىرىنىڭ چېلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى. ۋەكىللەرنىڭ ئايەتۇللاھ خامەنېيگە خىتابەن يازغان مەكتۇپىدا، لىدىرنىڭ پايتەختنىڭ يۆتكىلىشى مەسىلىسىدە ئالاقىدار ئەمەلدارلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى» دېدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پارلامېنت مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە باشقۇرۇش پايتەختىنىڭ يۆتكىلىشىنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەبۇ تۇرابى، «شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، پىرېزىدېنت (ھەسەن رۇھانىي) ھازىرغىچە بۇ لايىھەنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا كۇبا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۇبانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.