ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىرانلىق رىژىسسور ئوسكار مۇكاپات مۇراسىمىنى بايقۇت قىلدى

چەت تىلى تۈرى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ساتقۇچى»نىڭ رىژىسسور ئىرانلىق ئەسقەر فەرھادى ئوسكار مۇكاپات مۇراسىمىنى بايقۇت قىلدى.

681656
ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىرانلىق رىژىسسور ئوسكار مۇكاپات مۇراسىمىنى بايقۇت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت تىلى تۈرى بويىچە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ساتقۇچى»ناملىق فىلىم لوندوندا قويۇلىۋاتقاندا مىڭلارچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 89-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپات مۇراسىمىدا 2017-يىلى چەت تىلى تۈرى بويىچە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ساتقۇچى»ناملىق فىلىمنىڭ ئىرانلىق رىژىسسور ئەسقەر فەرھادى بىلەن خىزمەتداشلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران بولۇپ 7 مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلغان پەرمانى ۋە كۆچمەنلەر توغرۇلۇق دېگەنلىرىگە ئىنكاس سۈپىتىدە، ئوسكار مۇكاپات مۇراسىمىنى بايقۇت قىلدى.

ئىران فىلىمى «ساتقۇچى» يەكشەنبە كۈنى لوندوندا قويۇلغاندا مىڭلارچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى،دەل بۇ ئەسنادابۇ فىلىم لوس ئانجېلىستا ئۆتكۈزۈلگەن ئوسكار مۇكاپات مۇراسىمىدا چەت تىلى تۈرى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ  ئىران بولۇپ 7 مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلغان پەرمانىغا قارىتا، «ساتقۇچى»ناملىق فىلىمنىڭ ئىرانلىق رىژىسسورى ئەسقەر فەرھادى بىلەن خىزمەتداشلىرى 2017-يىلدىكى ئوسكار مۇكاپات مۇراسىمىنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بايقۇت قىلدى.

فەرھادى مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتنىشىشنىڭ ئورنىغا مۇراسىمىغا نارازىلىق مەكتۇبى ئەۋەتتى ۋە بۇ مەكتۇب تېگى ئىرانلىق ئامېرىكا پۇقراسى ئىنژېنېر ۋە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئانوشېھ ئەنسارى تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلدى،شۇنداقلا ئەنسارى ئەسقەر فەرھادىغا ۋاكالىتەن ئوسكار مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر