ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ تەشۋىقات ھۇجۇملىرىغا قارشى مەخسۇس تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇپ چىقتى

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېلىپ بارغان تەشۋىقات ھۇجۇملىرىغا قارشى مەخسۇس تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇپ چىقتى.

681415
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ تەشۋىقات ھۇجۇملىرىغا قارشى  مەخسۇس تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپادا سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇپ چىقتى.

ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق مېدىيا ئورگىنى BBC نى ئۆرنەك ئېلىپ 24 سائەت رۇسچە تارقىتىش بېرىدىغان «ھازىرقى زامان» (Nastoyaşçeye Vremya) ناملىق قانال، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان مىللەتلەرنى رۇسىيە مېدىياسىدىن «قوغداشنى»مەقسەت قىلىدۇ.

خىيانەتچىلىك، نامراتلىق ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان مېدىيا پىرىنسىپىغا ئىگە مەزكۇر قانالنىڭ، رۇسىيەنىڭ بالتىق ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۈنئىي ھەمراھ، سىملىق تېلېۋىزۇر ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىش بېرىدىغان مەزكۇر قانال بىلەن، ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي يارىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى قاتارلىق ئورۇنلار يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ.

10 مىليون دوللارلىق راسخوتى بولغان بۇ قانالدا، چېخنىڭ پايتەختى پىراگادىكى مەركىزىدە 100دەك خادىم خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ،11 دۆلەتتىن خەۋەر تارقىتىدۇ.

خەلقئارادا ئىنگىلىزچە تارقىتىش بېرىدىغان Russia Today تېلېۋىزىيە قانىلى، نۇرغۇن تىلدا خەۋەر تارقىتىش بېرىدىغان Sputnik ئىنتېرنېت  تور بېكىتى ۋە كومىيۇتېر خاكېرلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، موسكۋا ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى سايلاملارغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقىلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، بۇ سەۋەبتىن رۇسىيەلىك دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر