خىتايدا كولومبىيەلىك بىر مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

خىتايدا 2 يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان 10 كولومبىيەلىكنى قوشقاندا، جەمئىي 15 كولومبىيە پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

681596
خىتايدا كولومبىيەلىك بىر مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرى خىتايغا زەھەرلىك چېكىملىك كومىلىچى ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان كولومبىيەلىك 74 ياشلىق ئىسمائىل ئەرىكۇ ئارجىنىگاسقا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كولومبىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، ئىسمائىل ئەرىكۇ ئارجىنىگاسنىڭ 2010 – يىلى خىتايغا ئومۇمىي قىممىتى 5 مىڭ دوللارلىق 4 كېلو زەھەرلىك چېكىملىك كومىلىچىنى كىرگۈزۈشكە تىرىشۋاتقان پەيتتە قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەرىكۇ ئارجىنىگاس خىتاينىڭ يەرلىك ۋاقتى 08:00 ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىدىن ئىلگىرى پەرزەنتلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ۋە پەرزەنتلىرىمۇ دادىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك شايكىلىرى تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە، كولومبىيەنىڭ جالى شەھىرىلىك ئىسمائىل ئەرىكۇ ئارجىنىگاسنىڭ جەسىتىنىڭ كۆيدۈرۈلغانلىقى ۋە كۈللىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق كولومبىيە ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەرىكۇ ئارجىنىگاسقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ تۇتۇلغان كۈندىن بۇيان كولومبىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق رەسمىي ئورگانلىرى ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقى، ئاخىرىقى مىنۇتقىچە ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش ئۈچۈن كولومبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.  

كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا يەنە ھازىرمۇ خىتايدا 2 يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان 10 كولومبىيەلىكنى قوشقاندا، جەمئىي 15 كولومبىيە پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا 15 كولومبىيە پۇقراسىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىلگىرىمۇ كولومبىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ بوگوتادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، خىتاي ئەلچىسى بۇ ھەقتىكى قانۇنلارنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى ۋە ئەرىكۇ ئارجىنىگاسنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ چوقۇم ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئورۇن ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر