ب د ت ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا چاقىردى.

681287
ب د ت ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى توغرۇلۇق توختىلىپ، تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىققا چاقىردى.

ب د ت باش كاتىپ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، گۇتېررېسنىڭ مىنسك گۇرۇھى بىلەن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنى قوللايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

گۇتېررېسنىڭ تەرەپلەرنى  ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىققا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، باش كاتىپنىڭ تەرەپلەردىن تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدىغان مۇزاكىرىلەرنى تېزراق باشلاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال كېچىدە ئالدىنقى سەپتىكى ئەزەربەيجان  بازىلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ غوجاۋەند-فۇزۇلى تەرەپتىكى بازىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان ئەرمېنىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى، ئاقىۋەت ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا توسالغۇ بولۇپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنى چېكىنىشدۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى.

ئەزەربەيجان زېمىنى بولغان تاغلىق قاراباغ، 1992-يىلى 8-مايدا ئەرمېنىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، رايوندا ئەرمېنىيە بولۇپ ھېچقانداق بىر دۆلەت ئېتىراپ قىلمىغان ئاتالماش بىر دۆلەت قۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر