ئەلقائىدەنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى

ئۇسامە بىنلادىننىڭ كۈيئوغلى شۇنداقلا ئەل قائىدە رەھبىرى ئەيمەن زاۋاھىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئەبۇ خەيرەل مىسرى ئۆتكەن يىلى سۈرىيەگە كىرگەن ئىدى.

680895
ئەلقائىدەنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك قوماندانى ئەبۇ خەيرەل مىسرىنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىگلىرى سۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «Arutz Sheva» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئەبۇ خەيرەل مىسرىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى تېخىچە رەسمىي مەنبەلەردىن ئېنىقلانمىدى. بىراق ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسلىرى مىسىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە خەۋەرگە ئالاقىدار رەسىم ۋە ۋىدېئولارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى. 

ئالدىنقى ئاي ئەلقائىدەنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل قوماندانى مۇھەممەد ھەبىب بۇسسىددىن ئەل تۇنىسىنىڭ ئىدلىبتە ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئەل قائىدە رەھبىرى ئەيمەن زاۋاھىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئىكەنلىكى ۋە 1957 يىلى مىسىردا تۇغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئەبۇ خەيرەل مىسرى، مىسىر ئىسلامى جىھاد تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1980 – يىلى مىسىرنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.

مىسرى 1990 – يىللىرى بوسنا ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، پارتلاتقۇچ ياساش مۇتەخەسسىسى بولۇپمۇ تونىلىدۇ. 

 ئۇ ئۇسامە بىنلادىننىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان ھەمدە 1998 – يىلى كېنىيە ۋە تانزانىيەدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكى كىشى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

مىسرى 11 – سىنتەبىر ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىشغالىيىتى جەريانىدا ئىرانغا قېچىپ كەتكەن، 2003 – يىلى قولغا ئېلىنىپ، 2015 – يىلى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. 

مىسرى تېخى ئۆتكەن يىلى سۈرىيەگە كىرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر