ئاقساراينىڭ بىردىنبىر ياغلىقلىق خادىمى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئاقساراينىڭ بىردىنبىر ياغلىقلىق خادىمى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

679505
ئاقساراينىڭ بىردىنبىر ياغلىقلىق خادىمى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2011 – يىلىدىن بۇيان ئاقسارايدا ياغلىق ئارتقان ھالەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باڭلادېشلىق ئامېرىكا پۇقراسى رۇمانا ئەھمەد، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان بىرىنچى ھەپتىدە چىقارغان ۋىزا چەكلىمىسى قارارىدىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇمانا ئەھمەد ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ياغلىقلىق بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئاقسارايدىكى خىزمەت كەچۈرمىشى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش سەۋەبلىرىنى بايان قىلدى؛ ئىستېپا بېرىش مۇساپىسىنى «ترامپ، نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان 7 دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋە پۈتكۈل سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ساياھەت چەكلىمىسى قويغان چاغدا، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش كىشىلەرنى خەۋپ، دەپ قارايدىغان بىر ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلسام بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم» دېگەن ئىبارىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن رۇمانا، ماقالىسىدە 28 – يانۋاردا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئائىلىسىنىڭ 1978 – يىلى باڭلادېشتىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، 12 يېشىدىن بۇيان ھاياتىنى ياغلىق ئارتقان ھالەتتە داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇمانا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۆچمەنلەر دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، بىراق يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بۇ رېئاللىققا زىت قەدەملەرنى تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سابىق پىرېزىدېنت ئوباما مەزگىلىدە ئاقسارايدىكى مۇھىتنىڭ بىر قەدەر مۆتىدىل بولغانلىقىنى قەيت قىلغان رۇمانا، ترامپنىڭ كېلىشى بىلەن بۇ مۇھىتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«2016 – يىلىدىكى كەيپىيات، 11 – سېنتەبىر (2001) ھۇجۇمىدىن كېيىنلا كۆرۈلگەن كەيپىياتقا ئوخشايتتى. بۇنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرغان نەرسە، قارار چىقارغۇچى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ قورقۇش ۋە نەپرەتنى سەمرىتىشى ئىدى» دېگەن رۇمانا ئەھمەد، ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى دولقۇنى جەريانىدا پەيدا بولغان ئىسلام ۋەھىمىسى تونۇشىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر