قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرگەن دانىيەلىك سوتلىنىدۇ

دانىيە تەپتىش مەھكىمىسى ئۆيىنىڭ كەينىدە قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن Facebookتا ۋىدىئوسىنى تارقاتقان كىشىنى «دىنغا ھاقارەت قىلىش»قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ سوتلاشنى قارار قىلدى

678342
قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرگەن دانىيەلىك سوتلىنىدۇ

دانىيەدە ئۆيىنىڭ كەينىدە قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرۈپ، ئارقىدىن بۇ مەنزىرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى Facebookتا تارقاتقان كىشىنى سوتلاش قارار قىلىندى.

دانىيەدىكى ۋىبورگ شەھىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان جېيىن رېكېندورف، ئۆيىنىڭ كەينىدە قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن 2015-يىلى 27-دېكابىردا Facebookتا بۇ ۋەقەنىڭ ۋىدېئوسىنى تارقاتقان دانىيەلىكنى «دىنغا ھاقارەت»قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ سوتلاشنى قارار قىلدى.

گۇماندار دانىيە جىنايىي ئىشلار قانۇنىنىڭ 140-ماددىسىدىكى «دىنغا ھاقارەت قىلىش»قا ئالاقىدار ھۆكۈمىگە ئاساسەن سوتلىنىدۇ.

جېيىن رېكېندورف بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تەپتىش مەھكىمىسى ئىنجىل ۋە قۇرئانى كەرىمگە ئوخشاش مۇقەددەس كىتابلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن قىلمىشلارنىڭ، قانۇننىڭ دىنغا ھاقارەت قىلىش مەسىلىلىرىنى مەزمۇن قىلغان <دىنغا ھاقارەت>ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىنىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.  بۇ قېتىمقى ۋەقە ئۈستىدە تەپتىش مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا، بۇ ۋەقە توغرۇلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرالىشى ئۈچۈن، گۇماندار سوتلىنىشى كېرەك.»

دانىيە قانۇنىنىڭ مەزكۇر ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 4 ئاي قاماق جازاسى بېرىش مەزمۇن قىلىنىدۇ. بىراق تەپتىش خادىمى جېيىن رېكېندورف گۇماندارغا تۆلەم جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەيىبنامىدە گۇماندارنىڭ قۇرئانى-كەرىمنى كۆيدۈرۈپ، ئارقىدىن بۇنىڭ كۆرۈنۈشىنى ۋىدېئوغا ئېلىپ Facebookتىكى «ئەركىنلىكنى ياقلايمىز، ئىسلامغا قارشىمىز»ناملىق گۇرۇپپىغا قوشۇپ قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئالبورگ سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلىدىغان سوتنىڭ تۇنجى قېتىملىقىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر