ھەسەن ئەلى خەيرى سومالى باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى

سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئابدۇللاھ فەرماجۇ، ھەسەن ئەلى خەيرىنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىدى.

678617
ھەسەن ئەلى خەيرى سومالى باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى رەسمىي ئادرېسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نورۋېگىيە مۇساپىرلار مەركىزىنىڭ باشلىقى خەيرىنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭى باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

قولىدا نورۋېگىيەدە پاسپورتى بار، ئۆزى ئەنگلىيەدە ياشايدىغان 49 ياشلىق خەيرىنىڭ سىياسەت سەھنىسىدە يېڭى بولسىمۇ، قەتئىي شۇنداقلا خىزمەت ئەستايىدىللىقى كۈچلۈك بىر كىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

سومالىدا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇھەممەد ئابدۇللاھ فەرماجۇ دۆلەتنىڭ 9 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر