«تۈركىيە – رۇسىيە ھەمكارلىقى رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم»

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ناتو غا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

677402
«تۈركىيە – رۇسىيە ھەمكارلىقى رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شويگۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ناتو مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى.

رۇسىيەن بىلەن  تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ساھەسىدە زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن شويگۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ناتو غا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ناتو بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە دىيالوگ ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقان شويگۇ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ناتو نىڭ رۇسىيە چېگرالىرىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، دۆلىتىنىڭ دۇنيا قورال - ياراغ ئېكسپورتىدا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراغ ساتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر