خىتايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ياقتۇرۇش كۆنۈپكىسىنى ئاز بېسىش تەلەپ قىلىندى

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئىلگىرى سۈرۈلىشچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەمەلدارلار ۋە مەسئۇللارنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىنى ياقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا خۇشامەت قىلىش ئۈچۈنلا ھېساب ئاچقان.

677775
خىتايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ياقتۇرۇش كۆنۈپكىسىنى ئاز بېسىش تەلەپ قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، دۆلەت مەسئۇللىرى، ئەمەلدارلار ۋە مەسئۇل كىشىلەرگە ئەگىشىش ھەمدە ئۇچۇرلىرىنى ياقتۇرۇشنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، دۆلەت خادىملىرىنىڭ "Wechat" ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلەتكەندە، ئۆز باشلىقلىرىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىنى ياقتۇرۇش ۋە ئەگىشىشتە تولىمۇ چەكتىن ئاشۇرىۋېتىپ بارغانلىقى تەكىتلەندى.

ماقالىدە ئەمەلدارلار ۋە مەسئۇللارنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىنى ياقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا خۇشامەت قىلىش ئۈچۈنلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھېساب ئاچقانلىقى، بۇنىڭ بىر خىل مەنىۋىي پارا بېرىش ياكى مەنىۋىي پارىخورلۇق قىلىش ھېسابلىنىشى لازىملىقى، دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىغا ۋە ھەددىدىن زىيادە مەغرۇرلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ماقالىدە يەنە، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا ئۆز باشلىقلىرى ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىنى ياقتۇرۇش كۆنۈپكىسىغا ئاز بېسىشى لازىملىقى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر