ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك ناتو ئەزالىرىنى مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

677036
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك ناتو ئەزالىرىنى مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پېنس، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلغان ستولتېنبېرگ، مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاشۇرۇش ۋە ناتودا يۈكنى ئادىل ئۈلىشىشنىڭ مۇھىملىقى بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «ياۋروپالىقلار، ياۋروپانىڭ مۇداپىئەسىگە تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشقا قىزغىن بولمىسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بۇنى تەلەپ قىلالمايمىز» دېدى.

«ناتو ئىتتىپاقىغا بەرگەن ۋەدىلىرىمىزدە تۇرىمىز ۋە ئورتاق بىخەتەرلىكىمىزنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، ئۈستىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىز» دېگەن مايك پېنس، ناتو ئەزالىرىدىن يۈكنى ئادىل ئۈلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە خەلقى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇشى ۋە تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىنى كۈتىدۇ. ھازىر گەپ قىلىشنىڭ ئەمەس، ئىجرا قىلىشقا ئۆتۈش ۋاقتىدۇر. نۆۋەتتە ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ كۈچلۈك بىر ناتوغا ئېھتىياجىمىز بار.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇداپىئە چىقىملىرى ئاشۇرۇلمىغان تەقدىردە، قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىغا دائىر ئارقا – ئارقىدىن چۈشكەن سوئاللارغا، «جاۋابنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بىراق، شۇنى بىلىمەنكى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ سەۋرى مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

مايك پېنس يەنە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە يېڭى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قارشى ئەمەلىي ھەربىي كۈچكە ئوخشاشلا تور مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

2015 – يىلىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا، مۇداپىئە چىقىملىرىنى قىسقارتىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان ناتو، 2016 – يىلى ئومۇمىي چىقىمىنى 10 مىليارد دوللارغا يېقىن ئاشۇردى. بىراق، ھازىرغىچە كۆپلىگەن ئەزا دۆلەت دۆلەت خامچوتىنىڭ %2 ىنى مۇداپىئەگە سەرپ قىلىش نىشانىغا يېتەلمىدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىسمۇ ئۆتكەن ھەپتە چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا ئەللەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇداپىئە چىقىملىرىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاشۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر